ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى يۇقۇمداردىن 8 ئادەم كۆپەيگەن

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 2-ماي بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونى ۋە بىڭتۇەندە 1-مايدىن ئېتىبارەن 24 سائەت ئىچىدە كۆپەيگەن يۇقۇمداردىن 2 ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدار جەمئىي 8 گە يەتكەن. كېسەللىك ئالامىتى يوق 37 يۇقۇمدارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن چىققانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

1-ماي كۈنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا مەلۇم قىلىنغان يۇقۇمدار ئىچىدە يېڭىدىن قوشۇلغان يۇقۇمدار 8 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوق دەپ قارالغان يۇقۇمدار جەمئىي 141 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىن ئىكەن.

خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «يۇقۇمنى تىزگىنلەپ نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بويىچە شاڭخەينى قامال قىلىپ، ئەمدى بېيجىڭغا يۈرۈش قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاينىڭ باشقا ئىچكى ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىمۇ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلىشماقتىكەن.

ئۇيغۇر رايونىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئىلمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلمىسا شاڭخەي، بېيجىڭلاردا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ قامال كەلگۈسىدە ئۇيغۇر رايونىغىمۇ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەڭ چوڭ خەتەر بەلكىم تۈرمە- لاگېرلاردا ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان «ئايرىم كۆزىتىش-داۋالاش مەركەزلىرى» دە يۈز بېرىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.