نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە شەخسى كرېدىت سىستېمىسىنى يولغا قويۇلۇپ، ئاز كەم 13 مىليون ئادەم بۇ سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر سىستېمىدىكى كىشىلەرنىڭ شەخس كرېدىت تارىخىغا نامۇۋاپىق ئەھۋاللار خاتىرىلىنىپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭ كرېدىت كارتىسى، قەرز پۇل ئېلىشى بىردەك رەت قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر سىستېما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىزىلسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن باشقا جايلاردا رەسمىي يولغا قويۇلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەزكۇر سىستېمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىجتىمائىي كرېدىت تۈزۈمى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن پەرقلىق نوقۇل بانكا كرېدىت سىستېمىسى ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى «ئىجتىمائىي كرېدىت تۈزۈمى» نى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغانلىقى، ئىش-ھەرىكىتى نامۇۋاپىق كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان، پويىز قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە ئولتۇرۇشى، پۇل-مۇئامىلە، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىشىغا چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تۈزۈم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر 12 مىليون 810 مىڭ ئادەمنى شەخسى كرېدىت سىستېمىغا كىرگۈزۈپ، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، ئىلى، قاراماي، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى 28 بانكىغا مۇلازىمەت قىلىش ھوقۇقى بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر يۇقىرىقى جايلاردىكى بانكىلارنىڭ تورىغا كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسى كرېدىت ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوپۇسى 24 مىليونلۇق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ سىستېمىنى نېمە ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ رايونلىرىدا يولغا قويمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قىياس قىلىشىچە، مەزكۇر كرېدىت سىستېمىسى 3 مىليوندەك نوپۇسى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ۋە قاماقخانىلاردا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كرېدىت كارت ۋە قەرز پۇل ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ھاياتىنى تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.