ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايەتنى ئالدىن بايقاش» سىنىقى بويىچە شەخسلەرنىڭ توپلانغان ئۇچۇرلىرىغا بىنائەن «جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بار» دەپ قارالغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىش قىلمىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە مەنسۇپ بولغان ساياھەت قىلىش، بانكا ھېساباتى، تېلېفون ئالاقىسى، ساقلىغان كىتابلىرىنىڭ سانى ۋە داۋالىنىش خاتىرىسى قاتارلىق «چوڭ سانلىق مەلۇمات» لارغا ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن «جىنايەت گۇماندارى» نى قولغا ئېلىشقا ئالدىن ھازىرلىنىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىشى بىلەن خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى «شەخسىيەت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش زوراۋانلىقى» دەپ تەنقىدلەنگەن.
بۈگۈن دۇنيادىكى چوڭ گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ قىلمىشى ھەققىدە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە قانداق زور سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە ئۆز تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى «خىتاي ئېلېكترونلۇق تېخنىكا گۇرۇھى» 2016-يىلىلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك» كە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى تەسىس قىلىشىغا ياردەملەشكەن. بۇ سىستېما شۇنىڭدىن بۇيان شەخسلەرنىڭ «سانلىق مەلۇماتلار» ئىغا ئاساسەن «گۇمانلىق» كىشىلەرنىڭ «گۇمانلىق» ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۇدۇللۇق مەلۇمات بېرىپ كەلمەكتە ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «جىنايەتكە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش» يۇمشاق دېتالى بويىچە كىشىلەرنى قولغا ئېلىشقا يۈزلىنىشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.