خىتاي ج خ مىنسىتىرى جاۋ كېجى: «2 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ئىدىيەسى بىلەن، 2 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن زەھەرلەنگەن»

خىتاي ج خ مىنسىتىرى جاۋ كېجى 2018-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ج خ ساھەسىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك كادىرلارغا مەخپىي نۇتۇق سۆزلەپ: «ھازىر ئىچكىي ئەھۋالدىن قارىغان، پۈتۈن شىنجاڭدا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ۋە ‹ئىككى ئىزىم› ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن زەھەرلەنگەن ئاممىنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن» دېگەن.

24-ماي كۈنى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرىدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇلار كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ھۆججەتتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ 2018-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاش يىغىنى» دا قىلغان سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستىمۇ بار ئىكەن. جاۋ كېجىنىڭ بۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ پانتۇركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم ئىدىيەسى ھەمدە شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ 2 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ يەنە «شىنجاڭنى بىر يىلدا مۇقىملاشتۇرۇش، ئىككى يىلدا مۇستەھكەملەش، ئۈچ يىلدا دائىملاشتۇرۇش، 5 يىلدا ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەت پىلانى ۋە نىشانى» نىڭ تىكلەنگەنلىكىنى، بىر يىلدىن بېرى 7628 ساقچى پونكىتى قۇرۇلغانلىقىنى، 1300 تۈرمىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى، ئىچكىرى خىتايدىن 1500 ساقچىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئاندىن بۇ بىر يىلدا 20 مىڭ «تېررورلۇق شايكىسى» نىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدا يوقىتىلغانلارنىڭ 5.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، 13 ئايدىن بېرى «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى ماختىغان.

جاۋ كېجىنىڭ بۇ سۆزىدىن، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش «پان تۈركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم ئىدىيەسىدىن زەھەرلەنگەن، مۇقىملىققا تەھدىت پەيدا قىلغۇچى» ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە خىتاي ج خ مىنىستېرى جاۋ كېجىنىڭ «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى»، «ئىككى ئىزم» ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشىدۇ دېيىشى، خىتاينىڭ شۇ مىقداردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.