خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن 109 نەپەر ئاتالمىش ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن.
خىتايچە تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يۆتكەش بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان خوتەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 600 گە يەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە ئىشلەمچىللىككە ماڭغان 109 ياش ناھىيىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن ئۇزىتىلغان. مۇراسىمدا، ئاتالمىش ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنى يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا غەمخورلۇقى، دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن ئارزۇ نۇرمەمەت ئىسىملىك بىر قىز ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىدە تىجارەت قىلىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ۋە قوشنا دۇكاندارلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
خىتاي ساقچىلارنىڭ توختاۋسىز بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى ۋە تۇتۇپ ئەكىتىشلىرى سەۋەبلىك، يىۋۇ بازىرىدا بىر كوچىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ دۇكانلىرىنى تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە، دائىرىلەرنىڭ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتىگە توسقۇنلۇق قىلىنىۋاتقان بىلەن ئىشلەمچىلىككە كېلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.