خىتايدا ھەر ئۈچ مەھبۇسنىڭ بىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر تەشكىل قىلىدىكەن

خىتايدا ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئومۇمىي مەھبۇسلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئىتالىيەدىكى «زىمىستان تورى» دا 28-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئومۇمىي مەھبۇسلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەردىن بولغان مەھبۇسلار تەشكىل قىلىدىكەن. تەتقىقاتچى رۇس ئىنگرام 28-ئىيۇن «زىمىستان» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: دۇنيادا ئەڭ كۆپ تۈرمىگە قامالغان مىللەت» ناملىق ماقالىسىدە، بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە قامىلىشى كىشىنى چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان ھەر 26 كىشىدىن ئاز دېگەندە بىرىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇس ئىنگرامنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2017-يىلدىن 2022-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تۈركىي خەلقلىرىدىن ھەر يۈز مىڭنىڭ ئىچىدە 3814 كىشى تۈرمىگە قامالغان. ھالبۇكى، ئوخشاش مەزگىلدە تۈرمىگە قامالغان خىتايلارنىڭ سانى ھەر يۈز مىڭ كىشىگە ئاران 80 كىشى توغرا كەلگەن. رۇس ئىنگرامنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالى جەنۇبىي ئامېرىكادىكى ئەل سالۋادوردا بىر ۋاقىتلاردىكى ھەر يۈز مىڭ كىشى ئىچىدە 1086 كىشىنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىدەك دۇنياۋى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.

رۇس ئىنگرام، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن ئۇيغۇر نوپۇسى خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلمىسىمۇ، بىراق تۈرمىدىكى تۈركىي خەلقلەردىن بولغان مەھبۇسلار سانىنىڭ خىتاي ئومۇمىي مەھبۇسلار سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇس ئىنگرامنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋاشىنگتوننى بازا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى بۇ سانلىق مەلۇماتتىن «قاتتىق چۆچۈگەنلىكى» نى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلار، بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشىنەلمەي قالغانلىقى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇس ئىنگرام تەتقىقاتلارنىڭ «بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىگە يېڭى بىر ئېغىرلىق قاتماقتا» دېگەنلىكىنى ئېيتقان.