شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشىدە خىتاينىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى تولۇق ئ‍ىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇيۇقسىز ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى جەريانىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئ‍ۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئ‍ۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك تەكشۈرۈشىدە خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى» نى تولۇق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىستىراتېگىيەسى يېقىنقى 5 يىلدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىنىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلۇشىدەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شى جىنپىڭ بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ پاش پىلانلىغۇچىسى ۋە جاۋابكارى، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە يەرلىك دائىرىلەردىن «پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى بئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئ‍ىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش ھەم ئومۇمىيلىقنى چىڭ تۇتۇش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتەك ئومۇمىي خىزمەت سىجىللىقىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى ماسلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش» نى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئېلىدا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە بولۇشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئېغىر خەلقئارالىق بېسىمغا ئايلانغان بىر ۋاقىتتا، «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىش ۋە يەرلىك دائىلىرىلەرگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.