كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى بىرقانچە يىلدا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كېسىۋېتىلگەن

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەخمىنەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىتاي سوت مەھكىملىرى تەرىپىدىن كېسىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 14-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت تورىدا مەۋجۇت بولغان سانلىق مەلۇماتلار، ئۇيغۇر ئېلىدا ناھەق تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «شىنجاڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 232 مىڭ 524 نەپەر. بۇ رەقەم 2019-يىلىى ئېلان قىلىنغاندىن بېرى شىنجاڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭى رەسمىي جازا ھۆكۈملىرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما شىنجاڭ يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2022-يىلى 2-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ رايوندا جەمئىي 540 مىڭ 826 كىشىنىڭ سوتلانغانلىقىنى قەيت قىلغان. خىتايدا سوتلانغانلارنىڭ كېسلىش نىسبىتىنىڭ 99 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ 540 مىڭ 826 كىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېسلگەن بولۇشى مۇمكىن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، سوتلانغان ۋە كېسىلگەن يېرىم مىليونغا يېقىن ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدا «قايتا تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا بۇ غايەت زور رەقەمگە ئاساسلىنىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سوتلانمايلا كېسىلگەلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە باشقا جايلاردا قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئادەملەرنى رەسمىي سوتلاش ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ياپماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.»