پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان غايەت زور ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى، ئىنتېرنېتقا ۋە باراۋەر مائارىپ ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە «ئۇيغۇر ئېلىدىكى 12 مىللەت ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشكە، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىنى قوغداپ قېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىغا 60 يىلدىن بۇيان 7.1 تىرىليون يۈەن ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن قانچىلىك پايدا ئالغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ئاق تاشلىق كىتابتا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلارنىڭ يەنە بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئەمەلىيەتنى قىلچىلىكمۇ ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكىلىرى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.