ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تۈس ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشماقتا

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10-نۆۋەتلىك 9-ئومۇمىي يىغىننى ئاچقان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ساھە ئۈچۈن بىر قېتىملىق يوليورۇق خاراكتېرىنى ئالغان. چۈنكى بۇ يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەتكە تەتبىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەركىزىي تېما بولغان ھەمدە بۇ توغرىسىدا ئىككى قارار ئېلىنغان.

يىغىندا يەنە «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مىللىي گۈللىنىشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نىڭ «شىنجاڭ بابى» نى ئۇتۇقلۇق يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىدىن ھەمدە شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتەك ئەڭگۈشتەر» دىن قىلچىلىكمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بۇنىڭ قىبلىنامە بولىدىغانلىقى كەسكىن ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا «سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنۈلۈش، سىياسىي پىرىنسىپ ۋە سىياسىي مۇساپىدە شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش» يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاجراتقان ئون مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 1.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)لىك «ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى» دىن ياخشى پايدىلىنىپ، «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا ئېلىپ كىرىش، ھەرقايسى يېزا-كەنتلەرگە «مۇنەۋۋەر كادىرلار» نى بىرىنچى سېكرېتار قىلىپ ئەۋەتىش، شۇ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ تەپسىلىي شەرھىيلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ساياھەت تەشۋىقاتى» ۋە «گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىلىرى» تەشۋىقاتى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقاندا، بۇ خىلدىكى سىياسىي يوليورۇقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي خىزمەت پىلانىنى نامايان قىلغانلىق، دەپ قارالماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى ئاشۇ خىل سىياسىي كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى «ئۇتۇق قازاندى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلماقچى بولۇشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.