27-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز بولغان.
«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنىدىكى يىغىندا ياپونىيەنىڭ يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىرى تۇنجى قېتىم سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى بىلەن تەڭ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى، جەنۇبى ۋە شەرقىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ كەسكىنلىشىگە قارىتا ئېچىلغان ئىكەن.
مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئامېرىكانىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقى، رايوندىكى شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىكنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ياپونىيە بىلەن بىرگە يىغىندا يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىملىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.
شەرقىي ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى شەرقىي جەنۇبىي-ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلار برۇنېي، كامبودژا، ھىندونېزىيە، لائوس، مالايسىيا، بېرما، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى، شۇنداقلا ئاۋستىرالىيە، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، روسىيە، كورېيە ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.