خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقان «قوشماق تۇغقان بولۇش» تەدبىرى بويىچە بىر قىسىم خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كىرىپ يېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر مەلۇم بولغانىدى.
يېقىندا بۇ ھادىسىنىڭ تولىمۇ قەبىھ بولغان يەنە بىر يۈزى كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىشىچە بۇنىڭدا ئەرلىرى لاگېرلارغا قامىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە «قوشماق تۇغقان» نامىدا كىرگەن خىتاي ئەر كادىرلىرىنىڭ «تۆتتە بىللە بولۇش» نامىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىر سۇپىدا ئۇخلىشى ھازىر جىددىي كېڭەيمەكتە ئىكەن.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇشۇنداق بىر ئەر خىتاي كادىرنىڭ نەچچە كۈنلەپ يېتىۋالغان ئۆيدىن مېڭىش ئالدىدا شۇ ئۆيدىكى ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە تاماق يېگەنلىكى، بالىلاردىن بىرىنىڭ «(خىتاي كادىر) دۈشەنبە كۈنى چۈشتە ئاتام كەلسە ماڭىدۇ. شۇنداقمۇ ئاپا؟» دەپ سورىغانلىقى كەڭ تارقالدى. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكىلەرنى قىيناش بىلەن بىرگە، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا قانداق قىسمەتلەرنى سېلىۋاتقانلىقى جانلىق كۆرسىتىلدى.
بۇ ھەقتىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىگە چۈشكەن باھالاردا بەزىلەر بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋاسىتىسى» دېسە، يەنە بەزىلەر «بۇ سېپى ئۆزىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن.