ھۆكۈمەت تەشۋىقاتچىلىرى ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋەزىيەتتىن دەرس ئۆتكەن

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر تەشۋىقات گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەركەزدە ئېچىلغان 18-قۇرۇلتاي ۋە ئاپتونوم رايوندا ئېچىلغان 9-قۇرۇلتاينىڭ روھىي ھەققىدە دەرس سۆزلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ قېتىملىق دەرستىن ئىدىيە ۋە روھىي ئوزۇق ئالغانلىقى ھەققىدە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، رايوندىكى تەشۋىقات گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە قاراپ ئەمەس، سىياسىي ئاكتىپلىقىغا قاراپ تاللىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان مىننەتدارلىقىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى يېزىلىرىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا تېرىش بىلەن ۋاقتى زايە بولۇۋاتقان بولسا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن ۋاقتى ئىسراپ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

مۇخبىرلىرىمىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، دائىرىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرى مەزكۇر ئىنكاستىكى رېئاللىقنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.