ئۇيغۇر ئېلىدا 70 پىرسەنت دېھقان ئائىلىسى «كەسپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» ئاستىغا ئېلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 70 پىرسەنت دېھقان ئائىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارلىشىچە، دائىرىلەر «كەسپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» نامىدىكى بۇ ھەرىكەتتە، ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تۈرتكە بولغان.»

خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكنى «كەسپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» تەشكىلاتلىرىنىڭ 29 مىڭ 600 گە يەتكەنلىكى، 70 پىرسەنت دېھقان ئائىلىسىنىڭ «كەسپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» ئاستىغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ رايوندا چوڭ تۇتقۇنغا تور سېلىش بىلەن بىر بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرىنى رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلەشكە يۆتكىگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، «يېزا-ئ‍ىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولغان.» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەتنىڭ 28-نويابىر چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدىمۇ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى مەدھىيەلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان.

«يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ناملىق بۇ ئاخبارات يىغىنى ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا چاقىرىلغان. ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننىدىي خەلقئارا ئادالەت مەركىزى تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق داۋاملىق دۇنيا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.