خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا پۇقرالارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى بىلەنمۇ نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئارقىلىقمۇ پۇقرالارنىڭ كۇندىلىك ھەركىتىنى نازارەت قىلىشقا باشلىغان. دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدا 10 مىليونغا يېقىن توك ئىشلەتكۈچى ئابۇنتقا بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئابۇنتلارنىڭ توك سەرپىياتىغا دائىر سانلىق ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، توك سەرپىياتىدىكى «بىنورماللىق» نى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىدىكەن.

بۇ ئەسۋاپ توك ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلارنى كونترول قىلىش، كۆپ سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش شەكلى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك سانلىق مەلۇمات ئالاقىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر رايوندىكى 9 مىليون 980 مىڭ 160 ئابۇنتقا بۇ ئەسۋاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان. خىتاي ئېنېرگىيە تورىنىڭ رايوندىكى بىر ئەمەلدارى ئېلېكتىر تورى شىركەتلىرىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى خىتاينىڭ رايوندا قۇرغان «دىگىتال نازارەت سىستېمىسى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دائىلىرى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن توك، سۇ، گاز سەپىياتى، يېمەك-ئىچمەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش سەرپىياتىدىكى «بىنورمال» دەپ قارالغان ئىستېمال مىقدارىغا قاراپ تۇتقۇن قىلىپ، سوراق قىلغان ياكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان ئىكەن.