خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى» ھەركىتى قوزغىغان

خىتاي دائىرىلىرى 12-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلىدا «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى ھەپتىلىكى» نامىدا يەنە يېڭى سىياسىي تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر رايوندىكى ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپ، يېزا-كەنتلەردە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى» ئېلىپ بارماقتىكەن. دائىرىلەر يەنە قەسەم بېرىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە تەشكىللىمەكتە ئىكەن. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە كادىر ۋە ئاممىنىڭ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق «ئاساسى قانۇن ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەنلىكى، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى قوغداشتەك قويۇق كەيپىيات شەكىللىنىشكە تۈرتكە بولغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى رايوندىكى تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىدىكى سەۋەب مەلۇم ئەمەس. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاساسى قانۇن، ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئالاقىدار خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان، تۇغماس قىلىنغان، دىنىي ئېتىقادىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغان ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشتەك ئېغىر قانۇنسىزلىققا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋرىدە خىتاي كادىرلىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ، «قوشماقلاشقان تۇققانلىرى» غا ۋە كەنت ئاھالىلىرىغا لېكسىيە سۆزلىگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق «قانۇنچىلىق تەشۋىقاتىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. تەشۋىقات ھەرىكىتىدە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن، دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى قاتارلىق ھەر خىل قانۇن تۈزۈملىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونومىيە قانۇنى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان.