ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەمسىتىش خاراكتېرلىق سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى بۇ سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «تېنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ناملىق تور گېزىتىدە بۈگۈن «ئامېرىكالىقلار خىتاينىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك،» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ گېن ئۇچۇرى، بارماق ئىزى، كۆز قارىچۇقى قاتارلىق خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە دائىر ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى ۋە رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈچلۈك مىللىي ۋە دىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەزكۇر گېزىت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارغا بولغان ئىنكاسىنى سورىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نوئىل كلەي تاراتقۇلارغا يازما ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش ۋە چەكلەش سىياسەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكانى ئەندىشىگە سالماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىمىز رېكس تېللېرسون ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر تەركىب، دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.»

خەۋەردە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفېي رىچاردسون زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، سوفېي خانىم سۆزىدە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى پەن-تېخنىكا تېجارىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكالىقلارنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى رەتلەشكە ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنىنى ئامېرىكادىكى «تېرمو فىشىر» تېخنىكا شېركىتىدىن سېتىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ شېركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما مەزكۇر شېركەت «تېنچ ئوكيان ئۆلچىمى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قويغان.