خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكان ئالدىغا سېمونت قوزۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق سىياسىتى ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا «كۈلكىلىك» ۋە «يولسىز» تەلەپلەرنى قويۇشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى رايونلىرىدا تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكىنى ئالدىغا قاتارىسىغا سېمونت قوزۇق ئورنىتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ھەرقانداق كىشىنىڭ يانفونىنى تاقاپ قويۇشنى چەكلىگەن. ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورىنىڭ 23‏-نويابىر ئاشكارىلىشىچە، دۇكىنى ئالدىغا سېمونت قوزۇق ئورۇنلاشتۇرمىغان ۋە تېلېفونىنى 24 سائەت ئوچۇق قويمىغان دۇكاندارلارغا جەرىمانە قويۇلىدىكەن. ئەگەر يەنە خىلاپلىق قىلغانلار بولسا يىغىۋېلىش لاگېرىغا يوللىنىدىكەن.

خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساۋەن ناھىيەسىدە ھەر بىر دۇكان ئالدىغا قاتارىسىغا بىر يېرىم مېتىرلىق سېمونت قوزۇق ئورنىتىلىپ، قوزۇقنىڭ 70 سانتىمېتىر قىسمىنىڭ يەر ئاستىدا، 80 سانتىمېتىر قىسمىنىڭ يەر ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇشى، يەر ئۈستىگە چىقىپ تۇرغان قىسمىنىڭ قارا ۋە سېرىق رەڭدە سىرلىنىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان دۇكاندارلار جازالىنىدىكەن. خەۋەردە يەنە بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان دۇكاندارلارغا جەرىمانە قويۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇلىدىغانلىقى، ئەگەر يەنە داۋاملىق ئەمەل قىلمىسا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەر بىر تال قوزۇققا 360 سوم خەلق پۇلى كېتىدىكەن. بۇ دۇكاندارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا دائىرىلەر يېقىندا قوزۇقنىڭ باھاسىنى بىر ئاز چۈشۈرۈپ بەرگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە دائىرىلەرنىڭ قۇمۇلدا دۇكاندارلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «جۇڭگو تېلېفون» شىركىتىنىڭ يانفونى ۋە سىم كارتىنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، بۇيرۇق بويىچە دۇكاندارلار يانفونىنى 24 سائەت ئوچۇق تۇتۇشى، ساقچىلار چاقىرغان ھامان دەرھال يېتىپ كېلىشى كېرەك ئىكەن. ساقچىلار چاقىرغان ھامان يېتىپ كەلمىگەن دۇكاندار دەرھال قولغا ئېلىنىدىكەن. خەۋەردە يەنە بەزى يېزىلاردا يانفونىنى تاقاپ قويغان پۇقرالارنىڭ مائاشى ياكى پېنسىيە پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى رايوندا نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇششاق تىجارەتكە قاتتىق تەسىر قىلغان.