ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇن داۋام قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.25

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدىيەۋى ساھەگە باغلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئۇزاق مەزگىل ۋە كۆلەم دائىرىسىدە داۋام قىلىدىغانلىقى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 25-دېكابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مەزگىل كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقتا روشەن ئالغا سۈرۈلىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 24-دېكابىر كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار يوليورۇقلىرى بويىچە مەزكۇر ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى كۆلەم، چوڭقۇرلۇق ۋە زامان جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق بارچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرتىپىگە «بۇزغۇنچىلىق» ئېلىپ كەلگۈسى ھەرقانداق ئامىلغا ماكان قالدۇرماسلىق نىشان قىلىنغان. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئىدىيەۋى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن بۇ خىل ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئەڭ زور سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇش ۋە ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار، دىنىي زاتلار قاتارلىق بارچە توپلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا كوللېكتىپ ھەمدە يەككە ھالدا «تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە» قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى مەيدانىنى ئاشكارا ئىپادىلىشىگە قارىتىلغان ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا مۇشۇنداق بىر يىغىننى ئېچىشى 2019-يىلىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت،» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.