نۇرمەمەت مۇساباي: خىتاي ئۇيغۇر رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇردى

خىتاي ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان ۋە ئاز بىر قىسىمنى كەمتۈك ۋە ئېنىقسىز ھالدا خەۋەر قىلىپ كەلگەن.

بۇ خىل ۋەقەلەر ھەققىدە ئاخباراتقا يىپ ئۇچى بەرگەنلەر ئېغىر جازالىنىپ كەلگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ يېڭى تېررورلۇق قانۇنى ھەققىدىكى بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي بۇ قانۇن ئارقىلىق يۇقىرىقى چەكلىمىلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان.

شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «قانۇندىكى بارلىق چەكلىمىلەرنىڭ مەقسىتى دوراشنىڭ (يەنى ھەۋەس قىلىشنىڭ) ئالدىنى ئېلىش، ئالدىنقى سەپتە تېررورلۇققا قارشى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى قوغداش ۋە ئاممىنى سۆز-چۆچەكلەرنىڭ زىيىنىدىن قوغداش» دېيىلگەن. يەنە خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ بىر ماددىسىدا «دوراشقا (ھەۋەس قىلىشقا) يېتەكلەيدىغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلىش ياكى تارقىتىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەن.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق دەپ قارايدىغانلىقى، شۇڭا يېڭى تېررورلۇق قانۇنىدىكى مەزكۇر ماددىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى چەكلەشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي سۆزىدە يەنە، ئىلگىرى سىياسىي قارار ياكى ئۆز مەيلىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ ئەمدىلىكتە قانۇن ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىشىنىڭ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ساقچى زوراۋانلىقىغا تېخىمۇ كەڭ يول ئاچىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.