خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق فولكلور سەنئىتى فېستىۋالى ئۆتكۈزمەكچى بولغان

ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى چەكلەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇنى پەقەت ساياھەتچىلەرگە خىزمەت قىلىدىغان مۇزېيغا ئايلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، 20-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خەلق سەنئىتى فولكلور فېستىۋالى» ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپلا قالماي، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرى خەلقئارادا ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ فېستىۋالنى ئورۇنلاشتۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ 9-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىشىچە، 20-ئاۋغۇست باشلىنىدىغان بۇ فېستىۋال ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا بىر قانچە شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدىكەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ مىنىستىرلىقنىڭ ئالىي ئەمەلدارى جاڭ جىننىڭ بۇ فېستىۋالنى مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋال «يەرلىك مەدەنىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، ساياھەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» نى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ، بۇ فېستىۋالدا يەرلىك سەنئەتكارلار، خەلق سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ فېستىۋالغا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق خەلق سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جاڭ جىننىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋالدا يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، ئىجادىي مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى، ساياھەتچىلىك ۋە يېمەكلىك يەرمەنكىسى بولىدىكەن.

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «خىتاي مەدەنىيىتى خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرگۈچى بىردىنبىر ئامىل» دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى، پانۇس بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاۋۇز چاغىنىغا ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان بىر پەيتتە، «شىنجاڭ خەلق فولكلور سەنئىتى فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈشى، خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.