ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەتتىن تويلاشقان ئائىلىلەرنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق مەلۇم پولكىدىكى بىر خىتاي روتا كوماندىرى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى گۈلىستاننىڭ توي قىلىپ «ئۈلگىلىك ئائىلە» قۇرغانلىقى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2012-يىلى ئۇلار ئىككىسى توي قىلغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئارمىيە، ساقچى سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۆپ قېتىم «ئىلغار ئائىلە» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. تويدىن كېيىن ئىسمىنى دەي نا دېگەن خىتايچە ئىسىمغا ئۆزگەرتكەن گۈلىستان جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى تەرىپىدىن «10 مۇنەۋۋەر ھەربىي يەڭگە» نىڭ بىرى دەپ نام بېرىلگەن. يېقىندا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە يەنە خىتاي بويىچە «بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك ئائىلە» دېگەن نام بېرىلگەنلىكى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئارمىيە-ساقچى سىستېمىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ياكى مىللەت ھالقىغان تويلىشىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇ خىل ئائىلىلەرنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار، چېن چۋەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نى كۈچەپ يولغا قويۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا، ھەتتا ئۇلارنى تۇغقانلاشتۇرۇپ مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.