يانفون كارتىنى ھەقىقىي كىملىك بىلەن سېتىش تۈزۈمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يانفون ئالاقىسىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان

5 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يانفون كارتىنى ھەقىقىي كىملىك بىلەن سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ يانفون ئالاقىسىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان.

كىملىكسىز يانفون كارتىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ يانفون مۇلازىمىتى 1 - مايدىن باشلاپ تۇيۇقسىز توختىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىملىك بىلەن يانفون كارتىسى سېتىۋالغان بەزى پۇقرالارنىڭ يانفونى ئىشلىمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېلېفون ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى يېقىندا تېلېفون مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 5 - ئايدىن باشلاپ يانفون كارتىنى ھەقىقىي سىم بىلەن سېتىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى، كىملىكسىز سېتىۋېلىنغان كونا يانفون كارتىلىرىنىڭ ئەتكەس قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇ تۈزۈم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ يانفون قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ يالغۇز تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغان. ئۇلارنىڭ يانفون ئارقىلىق تورغا كىرىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

نۆۋەتتە، 5 - ئاي كىرىشتىن بۇرۇن كىملىكسىز يانفون كارتىسى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ زىيىنىغا كىم مەسئۇل بولىدىغانلىقى مەجھۇل ئىكەن.