ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىرىدىن بولغان ياڭاق يېقىندىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرى بەس-بەستە مەبلەغ سېلىشقا ئىنتىلىۋاتقان زور تۈرلەردىن بولۇپ قېلىشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى كۆكيا باغۋەنچىلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى نۆۋەتتە ياڭاق مېيى، ياڭاق تالقىنى، ياڭاق مۇرابباسى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ياڭاقچىلىق كەسپىدە «زور ئۇتۇق» قازانغان. شىركەت مەسئۇللىرىدىن گو فامىلىلىك كىشى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئىلگىرى كۆكيانىڭ قەغەز ياڭاقلىرى پەقەت قۇرۇق مېۋە شەكلىدىلا ئىستېمال قىلىناتتى. ھازىر كۆپ خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدىغان ۋەزىيەت يارىتىلدى» دېگەن. خەۋەردە بۇ ھال بىر تۈرلۈك زامانىۋى تەرەققىيات سۈپىتىدە ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق يەتتە ئورۇندا قەغەز ياڭاق بازىسى قۇرغان. بۇ بازىلارنىڭ بىرى بولغان قاراقاش ناھىيەسى 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدە ياڭاقچىلىقتىن بىر مىليارد سوم (تەخمىنەن 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) لۇق مەھسۇلات ياراتقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جاڭ چۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلىندى» دېگەن.
رادىيومىز ئىگىلىگەن تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەرلەر ۋە باغۋەنچىلىك مەيدانلىرىنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيان ئەرزان باھادا مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىلغانلىقىنى دەلىللەپ چىققانىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن زېمىنلىرىنىڭ ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىمۇ مەلۇم بولغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە قۇرۇپ چىققان بۇ ياڭاقچىلىق بازىلىرىنىڭ قانچىلىك يەرلەرنى ئىگىلىگەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇ بازىلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى نامەلۇم بولۇپ تۇرماقتا. 1990-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئارمان»، «ئامىنە» قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللىي كارخانىچىلار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى يېمەكلىك رېتسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ ياڭاق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشلەنگەن نەچچە ئون خىل مەھسۇلات بىلەن زور ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى.