ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئامېرىكا قىلالايدىغان بەش باسقۇچلۇق ياردەم

مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ غايەت زور روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، لاگېردىن ئامان قالغان ‍ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھازىر بۇ پاجىئەلەردىن ئامان قالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان «قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۇ غايەت زور پاجىئەگە قارىتا نېمىلەرنى قىلالىشى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

«ۋوكس» تورىدا 28-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك زاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاساسەن پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «‍ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويۇشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى ئىكەن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر قىسىم ئانالىزچىلار نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمىلى يوسۇندا قىلالايدىغان بەش تۈرلۈك ياردەمنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە غەرب دۇنياسىدا ئەڭ قەتئىي مەۋقەدە تۇرۇۋاتقىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ھاسىل قىلىشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە دۇنيادىكى ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن يېڭى بىر ئىتتىپاقداشلىق يارىتىشى بۇنىڭدىكى بىرىنچى باسقۇچ ھېسابلىنىدىكەن. بەش بۇرجەكلىك بىنادىن پېنسىيەگە چىققان سابىق دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى چىپ گرېگسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەينى ۋاقىتتا ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى› مۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ھەل بولغان. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىمۇ شۇ ئۇسۇلدا توختىتىش لازىم،» دېگەن.

ياردەمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە راۋۇرۇس ئىنجىقلىغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈش ئىكەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى زور تۇتقۇن ۋە نازارەت سىستېمىسىغا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ياردەمدە بولۇشىنى قەتئىي چەكلەش مۇھىم مەزمۇن ھېسابلىنىدىكەن.

ئۈچىنچى باسقۇچتا نۆۋەتتە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىگە قوللىنىلىۋاتقان جازانى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك بولغۇچى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى توختاتماسلىق، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا پاناھلىق تېپىشىغا يول قويماسلىق لازىم ئىكەن.

بۇ خىل ياردەمنىڭ تۆتىنچى ۋە بەشىنچى باسقۇچى قاتارىدا ئۇلار نۆۋەتتىكى «خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش» ھەمدە بۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى چەكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى ئېچىشىنى چەكلىمىگەندە خۇددى كوكاكولا شىركىتىنىڭ 1936-يىلىدىكى ناتسىستلار ساھىبخانىلىق قىلغان بېرلىن ئولىمپىك يىغىنىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىدەك تراگېدىيە كېلىپ چىقىدۇ،» دەيدۇ.

ئاپتور يەنە يۇقىرىقىلاردىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىۋاسىتە قوللاش قاتارلىقلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە پاسپورتسىز قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكا تۇپرىقىدىن پاناھلىق ماكان بېرىشنى ئالاھىدە تەكلىپ قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ.