ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ «تەربىيىلەش» داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشقا كۈتۈپ تۇرغان ياشلاردىن 4 مىڭنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەخسۇس «تەربىيىلەش» كە ئەۋەتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى «ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئەمما، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە، «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ، ھەممىلا يەردە «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ تۆت مىڭ نەپەر ياشنىڭ قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى نامەلۇم، ۋەھالەنكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇدىكى پۈتۈن ئاھالىنىڭ 80% كە يېقىن قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ رايوندا خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نارازىلىقلارنى پەسەيتىش تاكتىكىسى قوللىنىشقا باشلاپ، 2010-يىلى تۇنجى قېتىم 23 مىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشنى ئىچكىرى خىتايدا تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان. 2015-يىلى، يەنە بىر تۈركۈمنى تەربىيەلىگەن. بۇ يىل ئەنە شۇ پىلاننىڭ داۋامى سۈپىتىدە يەنە 4 مىڭ ياشنى يۆتكەپ تەربىيىلەش پىلانىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئىزچىل كۆپىيىپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئالغان ئۇيغۇر بىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىش تېپىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.