خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتمۈشىگە سېلىشتۇرۇلۇشىغا ئىنكاس بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ئىيۇل ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ يەھۇدىلارنىڭ ئۆتمۈشىگە سېلىشتۇرۇلىشىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش «كۈلكىلىك» ئىكەن. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىلارنىڭ رەھبىرى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىنغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىلارغا قىلغان ۋەھشىلىكىگە سېلىشتۇرغان. ئۇ مەكتۇپىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئېتنىك ۋەر دىنىي باستۇرۇشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيەدىكى «يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ پرېزىدېنتى مارېي فون دېر زىل مەكتۇپىدا «75 يىل ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ پويىزلارغا مەجبۇرىي يۈكلەڭەنلىكى، دىنىي زاتلارنىڭ ساقىلى چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقى»، جازا لاگېرلىرىنىڭ بۇ خىل قورقۇنچلۇق ۋەھىمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ھازىرقى مۇامىلىسىگە ئوخشاشلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي تاشقى سىھلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 24-ئىيۇل مۇخبىرنىڭ مەزكۇر مەكتۇپ ھەققىدىكى سوالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ خىل سېلىشتۇرۇشنىڭ «كۈلكىلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ: «سىز ئېيتقان ئۇ مەكتۇبتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. لېكىن مەن شۇنى قايتا تەكىتلەيمەن، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق، دىن ياكى ئېتنىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى يەھۇدىلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىزتىراپىغا سېلىشتۇرۇش كۈلكىلىكتۇر،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشچىھە، «شىنجاڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىش ھەققى ۋە يولى يوق،» ئىكەن. مارېي فون دېر زىل مەكتۇپىدا خىتاينىڭ ئىككى خىل تاللاش يولى بارلىقى، ئەگەر ئۇ داۋاملىق ھازىرقى يولدا ماڭسا ئۇنىڭ «مەڭگۈلۈك ئاھانەتكە قالىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.