خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىنى ئومۇملاشتۇرماقتا

خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، رايوندىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان رېۋىزىيە ئىشخانىلىرى كەڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 24-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ناھىيە-بازاردىكى نازارەت ئىشخانىسى سانجى شەھىرىنىڭ دا شىچۈ بازىرىدا يىغىن ئېچىپ، شۇ جايدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان 16 رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەبرىكلىگەن. مەزكۇر بازاردىكى رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ بىر كادىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇنداق ئىشخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى يېزا-بازار كادىرلىرىنى ئارتۇق بىر جۈپ ‹نازارەت كۆزى› بىلەن تەمىنلىدى، بۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ،» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت ئوبيېكتى بىر مىليون 160 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە-بازار ۋە كەنتتىكى ئىككى دەرىجىلىك نازارەت ئوبيېكتى 533 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، كەنت، يېزا-بازارلاردىكى رېۋىزىيە ئىشخانىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نازارەت-ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كادىرلارنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يەنە ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىدىكى رېۋىزىيە ئىشخانىسىنىڭ بىر خىتاي مۇدىرى «دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئازاق يېزىسىدىكى نازارەت ئوبيېكتىنىڭ سانى 760 ئادەمگە يەتكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ «خاتىرجەم بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نازارەت-ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا مەسئۇل بىر خادىم بۇ خىل رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقنى «يېقىن ئارىلىقتا نازارەت قىلىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە، بىر قولدا چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە چىڭ تۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېزىلارغىچە رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك نازارەت تۈزۈمى ئورناتقانلىقى، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولاپ، نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى. بۇ يىل 26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنز ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسىنى تىلغا ئېلىپ، رايوننىڭ ئاللىقاچان بىر «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ رايوندا بۇ خىل رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىنى قۇرۇشى بۇنىڭدىن بۇرۇن قوللىنىپ كەلگەن نازارەت سىستېمىسىنى يەنە بىر دەرىجە مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.