قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئەڭ ئاز 7 يىل كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سابىق خىزمەتداشلىرى خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇلارنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بولسا قاسىمجان بىلەن تونۇش بولۇشى ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، قاسىمجان بىلەن تونۇشلۇقى سەۋەبىدىن كېسىلگەن مىركامىل ئەخمەت، سەمەت ئابابەكرى، ئابدۇقادىر روزى، مەخمۇت ئابدۇقېيۇم ۋە ئەكبەر ئوسمان قاتارلىقلار ئەسلىدە قاسىمجان ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قۇرغان «ئاتلان تىل مەكتىپى» نىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ كەم دېگەندە يەتتە يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئەھۋالنى ياخشى بىلىدىغان مەنبەنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا قاسىمجانغا دەپ بېرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ياشلارنى «قاسىمجان تەرىپىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن.

قاسىمجان ئابدۇرېھىم بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. ئۇ X كە يازغان ئىنكاسىدا «مېنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرىم مەن بىلەن تونۇشلۇقى سەۋەبىدىنلا قولغا ئېلىنغان. ئۇلار گۇناھسىز، ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇش جەريانىدا مۇشۇنداق خالىغانچە ئەيىبلەشلەرنى كەڭ قوللانغانلىقى ۋە ئەيىبلەنگۈچىنى تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلار بىلەن ئەيىبنامىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن ئىگىللەنگەنىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە «بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز مەيلىچە ئەيىبلەش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىنىڭ ئەكسىچە رايوندىكى خالىغانچە تۇتقۇن ۋە ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.