ئەنەس كانتەر: «مەن زالىمغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمەن!»

ئامېرىكادا چىقىدىغان «بىرلەشتۈرۈش» (Binding) خەۋەر تورى 25-ئۆكتەبىر «NBA ماھىرى ئەنەس كانتەر ‹زالىم› خىتايغا قىلغان ‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك› چاقىرىقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقال ئېلان قىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، «بوستون كېلىتلىقلار» (Boston Celtics ) كۇلۇبىنىڭ ماھىرى ئەنەس كانتەر خىتاينىڭ «رەھىمسىزلەرچە مۇستەبىت» لىكىگە قارشى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قىلغان چاقىرىقلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئەنەس كانتەر خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەنقىدلىگەن بىر سىن فىلىمىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابات سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «بوستون كېلىتلىقلار» كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى NBA نىڭ خىتايدىكى تارقىتىش سۇپىسى بولغان «تېڭشۈن» تورىدىن دەرھال ئۆچۈرىۋەتكەن.

ئەنەس كانتەر خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا قارىماستىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى يەنە بىر سىن فىلىمى ئىشلەپ تارقاتقان.

ئەنەس كانتەر مەزكۇر سىن فىلىمىدە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان سودا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆز دىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ مەزكۇر سىن فىلىمىدە: «مەن زالىمغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمەن!» دېگەن.

25-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنەس كانتەر يەنە بىر يېڭى سىن فىلىمىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابات سۇپىسىدا تارقاتقان. ئۇ بۇ قىتىم نايكى شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.