ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىدىكى قالايمىقانچىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» باشلانغاندا ئاندىن نەزەرگە ئېلىنغان

«خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ خىتايچە رەسمىي ھۆججەت ۋە كىنىشكىلەرگە يېزىلىشىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېغىر قولايسىزلىق يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» دا ئاندىن نەزەرگە ئېلىنغان.

29-مارت كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە بۇ مەسىلە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ ئىچىدە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىممۇ بار ئىكەن.

ئۇ ئۆز ئىسىم فامىلىسىنىڭ خىتايچە رەسمىي ھۆججەت ۋە كىنىشكىلەردە تۈرلۈك خەتلەر بىلەن يېزىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا قويۇلىدىغان چېكىتنىڭ ئورنىمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان تۈرلۈك كىنىشكا، دىپلوم، پاسسپورت، كىملىك ۋە باشقا قانۇنىي ھۆججەتلەردە خىتايچە ئوخشىمىغان خەتلەر بىلەن يېزىلىپ كەلگەن. ھەتتا پاسپورتتا ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ تەرتىپى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە تەرتىپتە يېزىلىپ، ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىدىكى بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنىڭ نەچچە ئون يىل داۋاملىشىپ، پەقەت بۇ يىل باشلانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» دا ئاندىن نەزەرگە ئېلىنىشىنى «ئەجەبلىنەرلىك ۋەقە» دەپ قارىماقتا.