ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىن كەلگۈسىدە 15 يىللىق مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.10.07

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنى قارارىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىن كەلگۈسىدە 15 يىللىق مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ 3 يىللىق يەسلى، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ۋە 3 يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان بىر تەرەققىيات پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، شۇنداق بولغاندا ئاتالمىش «قوش تىللىق» مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار باشقىلارغا قارىغان 3 يىل ئوشۇق ئوقۇيدىكەن.

پىلانغا قارىغاندا، 2020-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى 98 پىرسەنت بالا 3 يىللىق يەسلى مائارىپىغا ئېلىنىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلىنىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا بۇلارنىڭ يەنە 90 پىرسەنتى دېگۈدەك تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىكەن.ھالبۇكى، بۇ 90 پىرسەنت ئوقۇغۇچىنىڭ پەقەت 40 پىرسەنتىلا كەسپىي مەكتەپلەر ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قالغان 60 پىرسەنت ئوقۇغۇچىنىڭ 15 يىللىق مائارىپنى تاماملىغاندىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايچە يېزىش ۋە سۆزلەشنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرىدىغان» لىقى كۆرسىتىلگەن.

«قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.

دائىرىلەر يەنە ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.