دائىرىلەر خوتەن تەۋەسىدىكى بەزى ئالاقە تورلىرىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى زەنجىرسىمان پارتلاشتىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىشنى باشلىدى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 27-ماي كۈنى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن چ چ، ئۈندىدار قاتارلىقلاردىكى ئۇچۇرلار قامال قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. «خوتەن ۋىلايەتلىك تېررورلۇققا زەربە بېرىش قوماندانلىق شتابى» نامىدا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا، 28-ماي سەھەر سائەت 0-دىن باشلاپ ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار، چ چ قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقى، تېلېفون ئالاقىلىرى، قىسقا ئۇچۇر ۋە باشقا ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنىڭمۇ كونترول قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، «چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى» دېگەن باھانىدە توردا ئۇچۇر يوللىغۇچىلارغا زەربە بېرىشنى باشلىغان. 19-ماي كۈنى دائىرىلەر 39 ئۇيغۇرنى ئىنتېرنېتتا «تېررورلۇق ۋە جىھادقا ئۈندەيدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرگەن»، «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.