خىتاي ھۆكۈمىتى 2025-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىغا يەنە 8 ئايرودروم قۇرۇشنى پىلانلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.31

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 31-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى»، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە يەنە 8 ئايرودروم قۇرۇپ، پۇقراۋى ئايرودروم سانىنى 33 كە يەتكۈزۈپ، زامانىۋى ئايرودروم تورى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىغان.

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان بۇ سەككىز ئايرودروم گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆل، بۈگۈر، شىخۇ، قۇبۇقسار، نىيە ۋە چەرچەن (بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيە 38-تۇەن) ناھىيەلىرىگە قۇرۇلىدىغان ئايرودروم بولۇپ، نۆۋەتتە گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودرومىنىڭ قۇرۇلۇشى 61 پىرسەنت تاماملانغان.

2022-يىل خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر رايونىدا موڭغۇلكۆرە تۇلپار ئايردورومى، ئارال تارىم ئايرودرومى، تاشقورغان قۇنجراپ ئايرودرومى قاتارلىق 25 ئايرودرۇم قۇرۇلۇپ، خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپ ئاممىۋى قاتناش ئايرودرومىغا ئىگە رايونغا ئايلانغانلىقى تەشۋىق قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھاۋادىكى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، خەلقئارا ھاۋا يولىنى 4 تىن، ئۇيغۇر رايونىغا بىۋاسىتە كىرىپ-چىقىدىغان ھاۋا يولىنى 8 دىن ئاشۇرىدىغانلىقى، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئايروپىلاندىن مال توشۇش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت، بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بەرپا قىلغان زور كۆلەملىك ھاۋا يولى، تاشيول ۋە تۆمۈر يول تورى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش، تىجارەت لىنىيەلىرىنى ياۋروئاسىياغا كېڭەيتىش ۋە كۆچمەن يۆتكەشكە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.