خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان

خىتاي راكېتا قىسىملىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «شەرق شامىلى‏-17» ناملىق ئىلغار تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئەينەك گېزىتى» نىڭ ياپونىيە «دىپلومات» ژۇرنىلىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر سىناق بۇ يىل 11‏-ئاينىڭ 1‏-ۋە 15‏-كۈنلىرى ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. سىناقتا 2 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىدىكى ھەربىي بازىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قۇملۇققا قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن.

خەۋەردە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ نىشانغا تەگكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت نىشاننىڭ چەرچەن ناھىيىسىدىكى قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇرۇشلۇق رايونلار بىلەن بولغان مۇساپىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى لوپنوردا يادرو سىناق بازىسى قۇرۇپ، 1964‏-يىلدىن 1996 ‏-يىلغىچە ئاز دېگەندە 47 قېتىم سىناق ئېلىپ بارغان. مۇھىت قوغدىغۇچىلار، 47 قېتىملىق سىناق يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، يادرو سىنىقى ئۇيغۇرلاردا لىمفا راكى قاتارلىق ھەر خىل ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي راكېتا قىسىملىرى سىناق قىلغان «شەرق شامىلى17-» بولسا ئوتتۇرا مۇساپىلىك بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 1800 كىلومېتىردىن 2500 كىلومېتىرغىچە يېتىدىكەن. بۇ قېتىم خىتاي راكېتا قىسىملىرى قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا جيۇچۈەندىن چەرچەنگىچە 1400 كىلومېتىر ئۇچقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئوتتۇرا مۇساپىلىك مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا يادرو ئوق بېشى ياكى مۇنتىزىم ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. ياپونىيە «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2020‏-يىللىرى رەسمىي ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھالغا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.