«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى خىزمىتى يىغىنى» دا نۆۋەتتىكى باستۇرۇشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.21

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى خىزمىتى يىغىنى» ئالدىنقى كۈنى چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، «20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى سىستېمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ساقچى سىستېمىسى ئۈچۈن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ساقچى سىستېمىسىنىڭمۇ شىنجاڭ خىزمىتىدىن ئىبارەت باش نىشان ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق كۆرۈشى لازىملىقى» نى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ ئۇ «پارتىيەنىڭ ساقچى سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن قىلچىمۇ تەۋرەنمەسلىك، ‹پىچاق دەستىسى›نىڭ پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇشىغا كېپىللىك قىلىش» ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن سەككىز يىلدىن بۇيانقى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. چۈنكى ئۇنىڭ سۆزلىرىدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى قاتارىدا خەتەردىن ساقلىنىش، بىخەتەرلىككە كېپىللىك قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى دائىملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرماسلىق قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك تەلەپ ئورۇن ئالغان.

ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرىنى مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان كىشىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن مىڭگو، شۇنداقلا «شىنجاڭ ھەربىي رايونى»، قوراللىق ساقچى ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كاتتىباشلىرىمۇ ئەينەن تەكرارلىغان. شۇنداقلا مۇقىملىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئۆزىنى ئاقلاش مەزمۇنىدىكى تەشۋىقاتلار، جۈملىدىن «قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان كۆز بويامچىلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ «تۈگىگەنلىكى» ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتنى بازارغا سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆرسىتىلگەن «خىزمەت نىشانى» نۆۋەتتىكى باستۇرۇشنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.