خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىۋېلىنغان تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى 401 مىليارد كۇپمېتىردىن ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تەۋەسىدىكى 15 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ كۈندىلىك گاز مەسىلىسى كاپالەتكە ئىگە بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارى يىلسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەبىئىي گاز ئەمەلىيەتتە 500 مىليون توننىدىن كۆپرەك كۆمۈر كۆيدۈرگەنگە باراۋەر كېلىدىكەن. 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا تارىم ۋادىسىدىن 30 مىليارد كۇپمېتىردىن كۆپ تەبىئىي گاز قېزىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىم ۋادىسىدا تەبىئىي گاز قېزىش 1989-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇشقا باشلىغان. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدىكى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىشتا ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈر ئېلىشقا قۇربى يەتمەي قىينىلىۋاتقانلىقى رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا كۆپ قېتىم مەلۇم بولغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي نېفىت خەۋەرلىرى» نىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلىدىن باشلاپ «جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىسىنى گاز بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى» نى باشلىغان ھەمدە كورلا قاتارلىق بىر قىسىم شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرگە گاز تۇرۇبىسى ئورناتقان. ئەمما رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسى ھەل بولمىغان، شۇنىڭدەك كۆمۈر سېتىۋېلىشقا ئىمكانىيىتى يوق ئۇيغۇر دېھقانلار ھازىرمۇ زور ساننى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.