ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يەرلىك خەلق ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا

ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا تارقىتىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي قان پونكىتى يېزا بازارلاردىكى ئاممىنى «ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتى» گە سەپەرۋەر قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ بېشىدىكى ئىككى كۈن ئىچىدە يالغۇز قاراتال بازىرىدىنلا 179 ئادەم قان تەقدىم قىلغان بولۇپ، تەقدىم قىلىنغان قان جەمئىي 50 مىڭ 400 مىللىلېتىرغا يەتكەن.

مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ يالغۇز ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىلا ياكى پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر يىلى بىر قېتىم «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، چىراي كۆرۈنۈشى، كۆز ئالمىسى ۋە كۆز قارىچۇقى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار زەنجىرى شۇنداقلا باشقا ھەر تۈرلۈك خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ئوخشىمىغان گۇمانلارنى پەيدا قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خەلقنىڭ يەنە «ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش» قا سەپەرۋەر قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.