خەن يۇڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى پەيشەنبە كۈنى بىر قىسىم رەھبەرلىك ئورۇنلىرىدا تەڭشەش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خەن يۇڭ تەيىنلەنگەن. خەۋەرلەردە، چې جۈننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبى ئىزاھلانمىغان.

خەن يۇڭ ئەسلى جىلىن ئۆلكىسىدىن بولۇپ، 2004-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇ، 2010-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2010-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خەن يۇڭنىڭ بۇ ۋەزىپىگە قويۇلۇشىنى ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن كىشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.