بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىللىق كونا مەھەللە-رايونلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 700 مىليون يۈەن ئاجراتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.15

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-رايونلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى كونا مەھەللە-رايونلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق مەبلەغ سالغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىندا «كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» ناملىق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2022-يىللىق مەركىزى خامچوت ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۈم مەبلىغىنى رەسمىي چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 700 مىليون يۈەن مەبلەغ بېرىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەدىمى مەھەللە ۋە رەستىلەرنى داۋاملىق چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى غەرەزلىك تارقاقلاشتۇرۇشنى بۇ يىلمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرى، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش قۇرۇلمىسىنىمۇ نىشانغا ئالغانىدى. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، «بۇ مەبلەغ شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللە ۋە رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىكەن».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللە ۋە رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىپ، ئاسسىمىلياتسىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.