ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-كويلارنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش پىلانىنىڭ جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سېلىنغان شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق مەھەللىلەرنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ، ھازىرغىچە 395 كونا كونا مەھەللە رايوننى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش جەمئىي 49 مىڭ 777 ئائىلىگە چېتىلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنى چېقىش-تۈزلەش قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ھالدا «خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش» دەپ پەردازلاپ كەلمەكتە. بىراق چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىلىرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە «كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش» نامىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرىنى «زېمىن بىلەن كىملىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ۋە مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ قارىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، ياشلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى بۇزۇپ-چېقىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.