ئۇيغۇرلار دىيارى يېڭى دىنىي ئىشلار نىزامىنىڭ سىناق مەيدانى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.01.30

30-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى 2004-يىلى ئېلان قىلىنغان دىنىي ئىشلار نىزامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنىڭ 1-فېۋرالدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئېيتىلىشىچە، بۇ يېڭى نىزامدا «تېررورلۇق ۋە چەتئەلنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش» باش نىشان قىلىنغان.

خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قارمىقىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن بۇ يېڭى نىزام ھەققىدە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بەزى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق بىر يېڭى نىزامنى يولغا قويۇش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «نۆۋەتتە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ خىرىسلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلىماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى شىنجاڭدىكى مەسچىتلەردە ئومۇملىشىشى لازىم. شۇنداقلا تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم» دېگەن.

بۇ قېتىمقى يېڭى نىزامدا ھەرقانداق «دىنىي ئەسەبىيلىك» پائالىيىتى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش قەتئىي مەنئى قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقانداق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ دىننى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى بۇزۇشى»، «تېررورلۇق قىلىشى» ياكى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشى» چەكلەنگەن. 2016-ۋە 2017-يىللىرى ئېلان قىلىنغان دىنىي ئىشلار نىزامنامىسىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان بىر زور ئۆزگىرىش ئۇنىڭدىكى «دىنىي ئامما ۋە تەشكىلاتلار جەزمەن سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىغا بىنائەن دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ ھەسسە قوشۇشى لازىم» دېگەن مەزمۇن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بەزى تەھلىلچىلەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ يېڭى نىزام بۇندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.