رامىزان ئايىدا خىتاي تەشۋىقاتلىرى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» تەشۋىقاتىغا كىرىشىپ كەتكەن

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 18-ئاپرېل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ مەسىلىلىرىگە دائىر ئاخىبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئېچىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «رامىزانلىق ئەھۋال» نى تونۇشتۇرغان. يىغىندا ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇلىنىپ، رامىزان كۈنلىرىدىكى «ھەقىقىي ئەھۋال» نى بايان قىلغان.

بۇ خەۋەردە خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىمغا قارشى تەشۋىقات يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى روشەن كۆرۈلگەن بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلىنىشى، موللا-ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا دائىر ئاخبارات تېمىلىرى قاتتىق تەنقىدلەنگەن ھەمدە تۇتقۇن قىلىنغان زاتلارنىڭ «دىنىي زاتلار ئەمەس، بەلكى ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ئازغۇن جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكى، بۇنداق جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى» دېگەندەك كونا سەپسەتىلىرى كۈچەپ بازارغا سېلىنغان.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دىنىي زاتلار بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ سۆزلىتىشى يەنىلا ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە خەلقئارا جامائەت بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكى، ئۆلىمالىرىنى تۇتۇپ، مەسچىتلىرىنى چېقىپ، قۇرئانلىرىنى كۆيدۈرگەنلىكى ۋە ئاۋامنى ئۆز دىنىدىن تامامەن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ئېنىق. ئەمما خىتاي بۇ قاباھەتنى كۆرمىگەن ياكى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلارنىڭ دۇنيادا يەنىلا كۆپ سانلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەچكە، بۇ تەشۋىقاتىنى ھارماي-تالماي ئېلىپ بارماقتىكەن.