16 كىشى «قانۇنسىز دىنىي كىيىم» كىيىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 23-ماي قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دىۋوپو يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 16 كىشى «قانۇنسىز دىنىي كىيىم» كىيىش، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر يېزىدا يەنە بىر قۇرئان كۇرسى «قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ» دەپ پېچەتلىنىپ، ساقال قويغان، پەرەنجە ئارتقان ۋە جىلباپ كىيگەن 130 دىن ئارتۇق ئەر ۋە ئايالغا جەرىمانە ۋە تەربىيە بېرىش جازاسى بېرىلگەن. دائىرىلەر يەنە، «3 خىل قانۇنسىز بۇيۇم» دەپ، 93 پارچە دىنىي كىتاب، دىنىي مەزمۇندىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان كۈچىيىشكە باشلىغان ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا باغلاپ، پەرەنجە، جىلباپ، چۈمبەل، ساقال قاتارلىق ھەر خىل دىنىي سىمۋوللارنى قاتتىق چەكلەشكە باشلىغان. دائىرىلەر بۇ خىل دىنىي سىمۋوللارنى «قانۇنسىز دىنىي كىيىم-كېچەك» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

دىۋوپو ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنىڭ بىرى.

«ئاسىيا كىندىكى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە، دائىرىلەر مەخسۇس كادىر ئاجرىتىپ، مەزكۇر يېزىدىكى دىنىي خاھىشى كۈچلۈك مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغان. مەخسۇس كادىرلار بۇ ئائىلىلەر بىلەن قەرەللىك ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدىكەن.

لېكىن پائالىيەتچىلەر، بۇ خىل مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كونترول قىلىش تەدبىرى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن.