تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە «ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيىسى» تېمىسىدا بىر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان. يىغىنغا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن دىنىي زاتلار، تەتقىقاتچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتناشقان.
يىغىن 21-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلىشىپ «ئوتتۇرا ھال يول ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا خىتابنامە ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا سۆز قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتىدۇ. شىنجاڭمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى. دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، دەپ سۆز قىلغان.
ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىن چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنى «دىنىي رادىكاللىق»، «تېررورلۇق» قا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىن ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ ھەمكارلىقىنى كۆزلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي دىنغا ئىشىنىش ھەقلىرىنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق رادىكاللىققا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن.