دائىرىلەر خوتەندە مەھەللە دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، ئاھالىلەردىن بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىكى ھەر قايسى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ قارمىقىدا دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، ئاھالىلەردىن سۈننەت تويى، نەزىر-چىراغ، نىكاھ ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنى بۇ كومىتېتقا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خوتەن يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەدبىر ھازىر سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭەيتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
دائىرىلەر، بۇ تەدبىر ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «دىنىي پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ تەدبىر ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى، دىنىي ھاياتى، كۈندىلىك دىنىي ئىبادىتى ۋە دىنىي مۇراسىملارنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشىغا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يەرلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرىنى قۇرۇش قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتتىق دىنىي كونتروللۇق نارازىلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان مەزگىلدە چىقىرىلغان.

يېقىندا غۇلجىنىڭ دادامتۇ يېزىسى ئاھالىلەرنى ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇقرالاردىن بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.