ھىندىستاننىڭ «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر ئىماملىرىنىڭ خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ھىندىستاندا نەشىردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنى زىيانكەشلىك ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىماملىرىنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا قامىدى،» دەپ يازغان. مەزكۇر خەۋەردە نورۋىگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئەنگىيەلىك تەتقىقاتچى رەچىل ھاررسنىڭ يېقىندا خەلقئارا مۇساپىرلار تورى ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا قىلغان سۆزلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈلگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ يىغىندا «رايوندا نەچچە يۈزلىگەن ئىمام تۇتۇپ كېتىلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۆلۈشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى،» دېگەن.

خەۋەردە ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ 2018-يىلى 5-ئايدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرۈشى بويىچە ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 613 ئىمامنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى، خىتاينىڭ ئاساسلىق دۈشمىنىگە ئايلانغانلارنىڭمۇ دىنىي زاتلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات مەركىزى (SOAS) نىڭ ئېتنو-مۇزىكا ئىلمى پروفېسسورى راچىل خاررىس بولسا ئەر ئىماملارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىردىن-بىر دىنىي زاتلار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرىنىڭمۇ جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئورنى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى، بالىلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا جەمئىيەتتە تالاش-تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، ھەر خىل مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشتەك مۇھىم روللىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئايال دىنىي زاتلارنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستاننىڭ «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جازا لاگېرلىرىنى كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بارىدىغان ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتىسىمۇ، بىراق ئاشكارىلانغان پاكىتلاردىن بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە، قېيىن-قىستاق ۋە سىياسىي تەربىيەلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.