ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى مەركەزلىك تەربىيىلەش نامىدا كۇرس باشلانغان، كۇرستا دىنىي زاتلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى رايونلۇق پارتكومنىڭ 9-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ئاساسەن بىرلەشتۈرۈشكە، ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى باش نىشان يەنى ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا چاقىرىلغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ مەزكۇر نامدا باشلانغان 1-نۆۋەتلىك قارار بولۇپ، كۇرستا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش تەشەببۇسى يەنە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ دىنىي زاتلارنى ئۆز سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان، بولۇپمۇ دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە دىننىڭ ئاساسىي تەلىماتلىرىنى چەتكە قېقىش ۋە دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.
بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پوزىتسىيە بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ھەق ۋە ئادالەتتىن ۋاز كەچكەن دىنىي زاتلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئىناۋىتى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، خىتاي تەرەپنى ئۇيغۈر دىنىي زاتلارنى ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا قىستىماسلىققا چاقىردى.