ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقىدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنى تەيىنلەشنىڭ ئۈچ شەرتىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2015-يىلدىن باشلاپ، مۇئاۋىن ناھىيە، باشقارما باشلىقىدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنى خىزمەتكە تەيىنلەشتە، شۇ كىشىنىڭ شەخسى ئەھۋالىدىكى ئۈچ شەرتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى، 9-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم ۋە كادىرلار تەشكىلات باشلىقلىرى يىغىنىدا، 2015-يىلدىن باشلاپ، باشقارمىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى خىزمەتكە تەيىنلەشتە، شۇ كىشىنىڭ «شەخسكە دائىر 3 ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، يەنى شۇ كىشىنىڭ ساداقەت-سەمىمىيىتى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پاكلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش» شەرتىنى ئېلان قىلغان.

بۇلتۇر 1-ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى كادىرلار باشقارمىسى «رەھبىرى كادىرلارنىڭ شەخسى ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كادىرلارنىڭ شەخسى ئەھۋالى بىر تۇتاش تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. تارقىتىلغان جەدۋەلدە شۇ كىشىنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالى، يېشى، ئوقۇش تارىخى، نىكاھ-ئائىلە، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، شەخسى ئىش بىلەن چەتئەللەرگە چىقىش ئەھۋالى، پەرزەنتلىرىنىڭ مال-مۈلكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان بىر يىللىق تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن پارىخورلۇق، چىرىكلىك دېلولىرىغا چېتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 232 مىڭغا يەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلارلا 60 تىن ئاشقان. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چارە كۆرۈلگەن 300 ئەمەلدار سىياسىي جەھەتتىكى مەسىلىسى سەۋەبىدىن جازالانغان.