بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە 500 مىليارد كىلوۋاتقا يېقىن توك توشۇلغان. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، توشۇلغان 487 مىليارد 500 مىليوم كىلوۋات بۇ توكنىڭ ئومۇمىي مىقدارى نورمال ئەھۋالدا پۈتكۈل خىتايدىكى بىر يېرىم مىليارد 400 مىليون نوپۇسنىڭ 162 كۈنلۈك ھاجىتىگە يېتىدىكەن. بۇ توكلارنىڭ يۆتكىلىشى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى «توك توپلاش ۋە يوللاش پونكىتى» ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىكەن. قۇمۇل شەھەرلىك ئېلېكتر يوللاش شىركىتىنىڭ دىرېكتور ياردەمچىسى لى ياجې بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «ئۆتكەن بىر يىلدا كۆمۈر باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ بىز يەنىلا توك يوللاش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولدۇق. بىز بۇ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە خىزمەت قىلدۇق» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا توك ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىقى كۆمۈر كۆيدۈرۈلىدىغان بولۇپ، كۆمۈر كانلارنىڭ كۆمۈرلىرى ئالدى بىلەن توك ئىشلەپچىقىرىشقا بېرىلىدىكەن. ھالبۇكى كۆمۈر كۆيدۈرۈشتىن ھاسىل بولىدىغان غايەت زور مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدە خەۋەردە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈر ئېلىشقا قۇربى يەتمەي سوغۇقتا مىسلىسىز قىينىلىۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى ئاشكارا ھەمدە غايەت زور مىقداردىكى بايلىق يۆتكەپ كېتىشكە كۆز يۇمغان ھالدا «ئۇيغۇرلارنى باي قىلىشقا»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۆچ چىقىرىۋاتىمىز» دېگەن تەشۋىقاتىنى قىلىپ كەلمەكتىكەن.